كېنىيەدە بىر مىنبۇس پارتلىدى

كېنىيەدە يولدا كېتىۋاتقان بىر مىنبۇستا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1771022
كېنىيەدە بىر مىنبۇس پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن (2022-يىلى 31-يانۋار) ئەتىگەندە شەرقتىكى سومالى چېگراسىغا يېقىن ئارابىيا-ماندېرا يولىدا كېتىۋاتقان بىر يولۇچىلار مىنبۇسىدا، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان پارتلاش يۈز بەرگەن.

پارتلاشتا، مىنبۇستىكى 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، يارىدارلار رايوندىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلغان.

ساقچى دائىرىلىرى ھۇجۇمغا ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر