زېلېنىسكى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1770131
زېلېنىسكى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، زېلېنىسكى بىلەن ماكروننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئىككى رەھبەر، بۇ مەسىلىگە قارىتا «نورماندىيە فورماتسىيەسى» دائىرىسىدە خىزمەت ئىشلىنىشكە باشلىنىشى ۋە بۇ دائىرىدە 26 – يانۋار كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا يىغىن چاقىرىلغانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلىگەن.

يېقىن كەلگۈسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، زېلېنىسكى، «دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار داۋاملاشقان تەقدىردە، كەلگۈسىدىكى سۈركىلىش خەۋپىنىڭ ئازىيىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئۇكرائىنا – فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ساھەدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەر ۋە يېڭى لايىھەلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر