ياۋروپا ئىتتىپاقى: بەزى رەھبەرلىرىمىزگە چەكلىمە قويغان رۇسىيەگە جاۋاب قايتۇرىمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىتتىپاق ۋە ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بەزى رەھبەرلىرىگە چېگرادىن كىرىشنى چەكلىگەن رۇسىيەگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1770114
ياۋروپا ئىتتىپاقى: بەزى رەھبەرلىرىمىزگە چەكلىمە قويغان رۇسىيەگە جاۋاب قايتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە تەرەپنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى ۋە ئەزا دۆلەتلەردىن «بىلگىلى بولمايدىغان ساندىكى» رەھبەرلەرگە ساياھەت چەكلىمىسى قويغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدۇ، دەرۋەقە، بۇ قارارنىڭ ھېچقانداق سىياسىي ئاساسىي يۇقتۇر. بۇ قارارغا ئۇيغۇن شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ. رۇسىيە بۇ قارار ئارقىلىق بىرلىكتە سۈركىلىشنى ئازايتىشقا ھەسسە قوشۇشنىڭ ئورنىغا، ياۋروپادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر