بايدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ناتو ئەللىرىگە ئەۋەتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن يېقىندا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى شەرقىي ياۋروپادىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەللىرىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1770103
بايدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ناتو ئەللىرىگە ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن، پىتسبۇرگ شەھىرىدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن ۋاشىنگتونغا قايتىشىدا ژۇرنالىستلارنىڭ «رۇسىيە – ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى سۈركىلىش» كە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، بىر ژۇرنالىستنىڭ، «ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا قاچان ئەۋەتىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق قارار چىقاردىڭىزمۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا، «ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى يېقىندا شەرقىي ياۋروپادىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەللىرىگە ئەۋەتىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، 24 – يانۋار دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاقابىل تۇرۇش قىسمى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ياردەم مەقسىتىدە 8 مىڭ 500 ئەسكەرنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر