ئىسرائىلىيە قار توپى تاشلىغانلىقى سەۋەبلىك پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا «ساقچى ماشىنىسىغا قار توپى ئېتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ 3 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى.

1769698
ئىسرائىلىيە قار توپى تاشلىغانلىقى سەۋەبلىك پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ «‹Yedioth Ahranot› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە، شەرقىي قۇددۇسنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 24 كە يەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا «ساقچى ماشىنىسىغا قار توپى ئېتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 2 بالىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا  ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان بەزى پەلەستىنلىكلەر،  كۈنلەرچە نازارەت ئاستىغا ئېلىش مەركەزلىرىدە تۇتۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر