ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى.

1769668
ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفېلد،  «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تەھدىتلىك ھەرىكىتى ۋە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئورۇنلىشىشى» دىن كېيىن، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى 31 – يانۋار دۈشەنبە كۈنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ۋە يەر شارىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ئالدىدا، جىددىيلىكنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق پەسەيتىشكە ترىشىۋاتقانلىقلىرىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دىپلوماتىيە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر