«ئامېرىكا زاپاس قىسىم ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشتىن ئىلگىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قانىتىغا زاپاس قىسىملار ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1768945
«ئامېرىكا زاپاس قىسىم ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  (CNN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ، بۇ ھەقتە ئامېرىكا دائىرىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا، ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن بولغان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھەر تۈرلۈك ھۇجۇم قىلىشىدىن ئىلگىرى، موسكۋانىڭ داۋاملىشىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقى ئالدىدا ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىق شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە مىڭلارچە ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان زاپاس قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرى ئىچىدە، بۇنداق ھەرىكەتلەرگە تەييار دۆلەتلەرمۇ بار. شۇ ۋەجىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، زاپاس قىسىملار ئەۋەتىش مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر