شىمالىي كورېيە بۈگۈنمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

جەنۇبىي كورېيە بۈگۈن شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1769064
شىمالىي كورېيە بۈگۈنمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ  شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىدىكى ھامخۇڭ رايونىدىن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى  ئەتىگەن سائەت 08:00 دە ياپون دېڭىزىغا قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، 20 كىلومىتىر ئېگىزلىكتە 190 كىلومىتىر يول يۈرگەن قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ باللىستىك بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ  يۇقىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ياپونىيە دېڭىزىغا، دۆلەتلىك ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو بۇ سىناققا قارىتا «تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش» دەپ باھا بەردى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ھېس قىلىنمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان كىشىدا فۇمىئو سىناققا مۇناسىۋەتلىك نارازىلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ پيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە 2022-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان 6-قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر