گېرمانىيە پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بار شىركەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى
گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بار «مېسوپوتامىييە نەشرىياتى» بىلەن «MIR Multimedia» نىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىشىنى تەستىقلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېيپزىگدىكى نارازىلىق ئەرزى دېلوسىنىڭ ئاخىرقى ئىسپات ئاڭلاش سوتىدا، گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى، «مېسوپوتامىييە نەشرىياتى» بىلەن «MIR Multimedia» نىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن شەخسىي، ئىقتىسادىي ۋە تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق قارار چىقاردى.
سوتنىڭ قارارىدا، «مېسوپوتامىييە نەشرىياتى» نىڭ تىجارەت پائالىيەتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۈچۈن تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، ھەمدە پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى تارماقلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشتۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
«MIR Multimedia» نىڭمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن قاراردا، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ پ ك ك ئەزاسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
گېرمانىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھورست سېھوفېر، 2019 – يىلى فېۋرالدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى سەۋەبلىك، «مېسوپوتامىييە نەشرىياتى» بىلەن «MIR Multimedia» نىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەنىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، 1933 – يىلدىن بۇيان گېرمانىيەدە پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» دە ئىكەن.