ئوتتۇرا ئافرىقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانكوفونى ۋە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئافرىقالىقلار مىنىستىرى سىلۋىي بايپو تېمون ئەتە تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1768743
ئوتتۇرا ئافرىقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا  ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانكوفونى ۋە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئافرىقالىقلار مىنىستىرى سىلۋىي بايپو تېمون ئەتە تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن. بۇ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىن تۈركىيەگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەۋىيەسىدە قىلىنىدىغان تۇنجى زىيارەت ھېسابلىنىدىكەن.

زىيارەت دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھادا مۇزاكىرە قىلىنىشى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر