ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش نىيىتى يوق

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش نىيىتى يوقلىقىنى ئېيتتى.

1768382
ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش نىيىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش تەھدىتى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىغا دائىر ھېچ قانداق تەخمىنى يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىننىڭ كاللىسىدىكىنى بىلەلمەيمىز» دېدى.

جېن پساكى ئامېرىكانىڭ ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا قارىتا ھوشيارلىقتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ تاللىغان يولىمىز دىپلوماتىيەدۇر، لېكىن چېگرا رايونىدا ھەرىكەتلىنىشلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز» دېدى.

بايدىننىڭ ھازىر دىققىتىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن پساكى: «ئېنىق بولسۇن ئۈچۈن دەۋاتىمەن. بايدىننىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش نىيىتى يوق» دېدى

بۇ ئارىلىقتا، جو بايدىن رۇسىيە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلغان ئەھۋالدا، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئېمبارگو يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جو بايدىن پايتەخت ۋاشىنگىتوندىكى بىر كىچىك كارخانىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

جو بايدىن بىر مۇخبىرنىڭ، «ئەگەر پۇتىن ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلسا، پۇتىنغا ئېمبارگو يۈرگۈزەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى.

بايدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قانىتىدىكى دۆلەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن 8500 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ تەييار تۇرغانلىقىنى ۋە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ پات يېقىندا ياۋروپاغا ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھېچ بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتنىڭ قورقۇشى ھاجەتسىز. بىز ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) بولۇش سۈپىتىىز بىلەن ئۇلارنى قوغداشقا كېلىمىز» دېدى. 

ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ رۇسىيەگە ئېغىر ئىقتىسادىي ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بايدىن: «بىزنىڭ ئۇكرائىناغا ئامېرىكا ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىمىز يوق» دېدى.

بايدىن پۇتىننىمۇ تاجاۋۇزچىلىقنىڭ بەدىلىنىڭ «بەك ئېغىر» بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن ئۇنىڭغا ئەگەر ئۇكرائىناغا چېگرادا توپلىغان ئەسكەرلىرى بىلەن كىرىدىغان بولسا، بۇنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئىشغالىيەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. بۇنداق ۋەزىيەت پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر