ئامېرىكادا بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 39 كىشى ئىز – دىرەكسىز غايىپ بولدى

ئامېرىكانىڭ فلورىدا دېڭىز قىرغىقىدا بىر پاراخوتنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 39 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى.

1768519
ئامېرىكادا بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 39 كىشى ئىز – دىرەكسىز غايىپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فورت پىئېرسې ئىنلېتنىڭ شەرقىگە 72 كىلومىتىر كېلىدىغان جايدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن پاراخوتتىن بىر كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قۇتقۇزۇۋېلىنغان كىشىنىڭ ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن پاراخوتتا ئۆزىدىن باشقا 39 كىشىنىڭ بارلىقىنى ۋە ھېچكىشىدە قۇتقۇزۇش كامىرى يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى بۇ ۋەقەنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى، شەنبە كۈنى كەچتە باھاماس ئارىلىدىن ئايرىلغان



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر