رۇسىيە قارادېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى قارادېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.

1768648
رۇسىيە قارادېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇس ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قارادېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «20 دىن ئارتۇق ئۇرۇش پاراخوتى، ھەربىي مانېۋىر ئۈچۈن قارادېڭىزدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن رايونلارغا كىردى.»

24 – يانۋار كۈنىمۇ 20 رۇس ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھەربىي مانېۋىر ئۈچۈن بالتىق دېڭىزىغا كىرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىدە زەنجىرسىمان ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر