ئىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى

ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كەڭ دائىرىلىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.

1767871
ئىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (INA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۆتكەن ھەپتە دىيالە شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئارمىيە، ساقچى ئەترەتلىرى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىدىن تەشكىل تاپقان دۆلەت ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، تۈنۈگۈن دىيالە ۋىلايىتىنىڭ ئۇزايم ناھىيەسىدە كەڭ دائىرىلىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان بولۇپ، رايوننى تېررورچىلاردىن تامامەن تازىلاش مەقسىتىدە ئۇزايم ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت بۈگۈنمۇ  داۋاملىشىدىكەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ، 21 – يانۋار كۈنىمۇ دىيالە ۋىلايىتىنىڭ ئۇزايم ناھىيەسىدە ئىراق ئارمىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، 11 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر