ناتو ئاقدېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئاقدېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئارمىيەسى ھۇجۇم ۋە ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 6-فىلوتى، ئاقدېڭىزدا چارلاش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، « Neptune Strike 2022» ناملىق ھەربىي مانېۋىر خېلى بۇرۇنلا پىلانلانغان بولۇپ، 4-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىكەن.
مانېۋىر دائىرىسىدە، « USS Harry S. Truma» ئاۋىياماتكىسى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى پاراخوتلار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن تەركىب تاپقان خىزمەت گۇرۇپپىسى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ، بىر ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتۈشى ھېسابلىنىدۇ.»