خىتاي تەيۋەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىدە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تەيۋەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىدە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1767955
خىتاي تەيۋەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىدە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ سىنلىق ئۇچرىشىشىدا  تەيۋەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ سىنلىق ئۇچرىشىشىدا، تەيۋەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «توكيو بىلەن ۋاشىنگتون بېيجىڭنى ناھەق ئەيىبلەش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماقتا. تەيۋەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى بولۇپ، ھەر قانداق بىر دۆلەت ياكى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھېچقانداق بىر شەخس ياكى دۆلەت، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قارارىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك.»

ئۆتكەن جۈمە كۈنى، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشكەن، ئۇچرىشىشتا، بېيجىڭنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ سالاھىيىتىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش تەشەببۇسلىرىدىن سىرت يەنە، خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغانىدى.

ئىككى رەھبەر، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر