ب د ت بۇركىنا فاسودىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى.

1767772
ب د ت بۇركىنا فاسودىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسودا ئالدىنقى كۈنى باشلانغان ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، تۈنۈگۈن دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئۆزلىرىنى «ئازادلىق ۋە دۆلەت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەتەنپەرۋەرلەر ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان بىر گۇرۇپپا ئەسكەرگە ۋاكالىتەن يۈزبېشى قادىر ئوئېدراگو تەرىپىدىن باياننامە ئېلان قىلىندى.

ئوئېدراگو، پىرېزىدېنت روچ كىرىستىيان كابورې ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى، لېيتېنانت پولكوۋنىك پائۇل-ھېنرى سانداگوگو دامىبانىڭ «ئازادلىق ۋە دۆلەت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەتەنپەرۋەرلەر ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قانۇننىڭ ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئىككىنچى بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ تاقاق ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى، ھەمدە جاي يەر ۋاقتى 21.00 دىن 05.00 گىچە كوچىغا چىقىشنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇركىنا فاسودىكى ئۆزگىرىشلەرنى قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  پىرېزىدېنت روچ كىرىستىيان كابورېنىڭ ئامانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ،  ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى، ھەمدە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان دائىرىلەرنى قورال تاپشۇرۇشقا، تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش  ھەم دىيالوگ ئورنىتىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر