ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بەردى
ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ئەرمەن ساركىسيان ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمەن ساركىسيان يازما باياناتىدا، ئەرمېنىيەدە ھەر خىل سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا كېرەكلىك زۆرۈر بولغان ۋاستىلارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ساركىسيان پىرېزىدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئاساسىي قانۇن كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، بەزى سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭمۇ ئۇنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ساركىسيان مەزكۇر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سالامەتلىكىنىڭمۇ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن ئۇزاق ئويلاندىم ۋە تۆت يىل ئۆتىگەن پرېزىدېنتلىق ۋەزىپەمدىن ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلدىم. بۇ قارار ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، بەلكى مەلۇم مەنتىق دائىرىسىدە ئېلىندى» دېدى.
2018-يىلى پرېزىدېنتلىققا سايلانغان ساركىسياننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2025-يىلى ئاخىرلىشاتتى.