ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مىس دەۋرىدىن قالغان 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە يول تورى بايقالدى

غەربىي ئاۋىستىرالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا قېزىش جەريانىدا قەدىمىي «ئۇلىنىش يولى تورى» نى بايقىدى.

1767219
ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مىس دەۋرىدىن قالغان 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە يول تورى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يول تورىنىڭ مىس دەۋرىدە رايوندىكى ھەر خىل سۇ مەنبەلىرى بىلەن مۇنبەت يەرلەرنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

قېزىش جەريانىدا يوللارنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغان قەبرىلەر تېپىلغانلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن 5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ يول تورىغا «دەپنە كوچىسى» دەپ ئىسىم قويۇلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يول تورى رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىلىنگەندىنمۇ بەكرەك بىر-بىرىگە باغلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن.

بۇ بايقاشنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلەرنىڭ قانداق ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر