گرۇزىيە ئۇكرائىنانى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
گرۇزىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد زالكالانى بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇكرائىنا بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
1767201

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گرۇزىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد زالكالانى تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «گرۇزىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن ئىتتىپاقداشتۇر، بىز ئۇكرائىنانىڭ يېنىدىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

فىلىپپىندە بىر يولۇچىلار پاراخوتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
فىلىپپىندە بىر يولۇچىلار پاراخوتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە 7 كىشى قازا قىلدى.