پولشا رۇسىيە ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

پولشا پرېزىدېنتى ئاندرېجېز دۇدا رۇسىيە ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا، ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1766962
پولشا رۇسىيە ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاندرېجېز دۇدا ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن پولشانىڭ جەنۇبىدىكى تەتىل رايونى ۋىسلادا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

ئاندرېجېز دۇدا ئۇچرىشىشقا ئالاقىدار جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا ئەگەر رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، پولشانىڭ ياردىمىگە ئىشەنسە بولىدىغانلىقىنى ۋە كىيېۋنىڭ ياۋروپا بىلەن بىرلىشىشىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاندرېجېز دۇدانىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى جاكۇپ كۇموچمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، «ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ كۆلىمى ۋە چوڭ – كىچىكلىكى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق شەكىلدىكى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى باردۇر» دېدى.

پولشا تاراتقۇلىرىدا پولشا بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە بىر لىنىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىككى دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشىشلارنىڭ بولۇشى پىلانلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كەڭ ئورۇن ئالدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىيمۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا، پولشا خەلقىگە ۋە پىرېزىدېنتى ئاندرېجېز دۇداغا ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلىشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر