نۇسرەت غەنى ئەنگلىيەدە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا مىنىستىرلىقتىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى

ئەنگىلىيەدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى نۇسرەت غەنى «مۇسۇلمان بولغانلىقى خىزمەتداشلىرىنى بىئارام قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن مىنىستىرلىقتىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى  ئېيتتى.

1766889
نۇسرەت غەنى ئەنگلىيەدە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا مىنىستىرلىقتىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇسرەت غەنى «يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتى» گە ئاۋىئاتسىيە ۋە دېڭىز تىرانسىپورت ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىدىن 2020-يىلى فېۋرالدا ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە بايانات بەردى.

نۇسرەت غەنى باش مىنىستىرلىقتىكى بىر يىغىنىدا، پارتىيە گۇرۇپپىسى رەھبەرلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇنىڭغا مۇسۇلمان بولغانلىقىنىڭ چوڭ مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

«كابىنېت ئۆزگىرىشىدىن كېيىن پارتىيە گۇرۇپپىسى رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان يىغىندا، مېنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنىڭ ئارقىسىدىكى چۈشەنچە ۋە ئۆزگىرىشكە ئالاقىدار 10-نومۇرلۇق (باش مىنىستىرلىق)  ئىشخانىسىدا ئىسمىم تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇنىڭ رۇھى ھالىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورىدىم. باش مىنىستىرلىقتىكى كابىنېت ئۆرگەرتىش يىغىنىدا، مېنىڭ مۇسۇلمانلىقىمنىڭ چوڭ مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، مېنىڭ مۇسۇلمان ئايال مىنىستىر بولۇشتەك سالاھىيتىمنىڭ كەسپداشلىرىمنى بىئارام قىلغانلىقىنى ۋە پارتىيەگە قارىتىلغان ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئەيىبلەشلىرىگە يېتەرلىك تاقابىل تۇرالمىغانلىقىمنى، شۇڭا پارتىيەگە سادىق ئەمەسلىكىمدىن ئەنسىرەشلەرنىڭ بارلىقىنى  ئېيتتى»

نۇسرەت غەنى ئۆزىنى خورلۇققا ئۇچرىغاندەك كۈچسىز ھېس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئەگەر بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن تەقدىردە، خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىدىغانلىقى ۋە كەسپى سالاھىيىتى بىلەن كىشىلىك ئىناۋىتىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىغا دائىر ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن كېيىن سۈكۈت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇسرەت غەنىنىڭ باياناتى «باش مىنىستىر بورىس جونسونغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە مىنىستىرلارغا مەسلىھەتچىلەر تەرىپىدىن تەھدىت سېلىندى» دېگەن ئەيىبلەشلەردىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

نۇسرەت غەنى تېرېسا مېينىڭ باش مىنىستىرلىق دەۋرىدە، 2018-يىلى يانۋاردا مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، جونسون 2019-يىلى 12-دېكابىردىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ، بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا نۇسرەت غەنىنى كابىنېت سىرتىدا قالدۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر