ئامېرىكا: سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال – ياراغ سېتىشنى توختاتمايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال – ياراغ سېتىپ بېرىشنى توختاتمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1766649
ئامېرىكا: سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال – ياراغ سېتىشنى توختاتمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇ دۆلەتكە قورال – ياراغ سېتىپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ ھازىرچە كۈنتەرتىپلىرىدە يوقلۇقىنى جاكارلىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى يېن پساكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال – ياراغ سېتىشنى توختىتىش مەسىلىسىدە ھەر قانداق بىر تەشەببۇستا بولۇپ بولمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ مەسىلە ھازىرچە كۈنتەرتىپتە ئەمەس، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئۇزۇن يىللىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىمىز بار، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىمەزنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەتكۈزدۇق، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن مۇناسىۋەتلىرىمىز بار.»

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ، يەمەننىڭ غەربىدىكى ھۇدەيدە ۋىلايىتىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پساكى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەسۇم ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچىدىغان ھەر بىر ۋەقە تىراگېدىيەدۇر، بۇ مەسىلىدە ئىنتايىن سەزگۈرمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر