سالۋدور پىرېزىدېنتى تۇساشنى زىيارەت قىلدى

سالۋادور پىرېزىدېنتى نايب بۇكېلې تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى (تۇساش) نى زىيارەت قىلدى.

1766620
سالۋدور پىرېزىدېنتى تۇساشنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تەمەل كوتىل، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سالۋادور پىرېزىدېنتى نايب بۇكېلېنى شىركەتتە كۈتۈۋالغانلىقلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈردۇق، بۇ ئارقىلىق سۈنئىي ھەمراھ ساھەسىگە ھەمكارلىق كېلىشىمىمىز ئارقىلىق  پۇختا قەدەم تاشلىغان بولدۇق.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى يۇمۇرلۇق ئۇچۇرلىرى بىلەن  كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان سالۋادور پىرېزىدېنتى بۇكېلېمۇ، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تەمەل كوتىلنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: « تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى بازىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندىم، (مېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن) ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممەيلەننى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈڭلار!».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر