پولشادا كورونا بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى

پولشادا «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى.

1766719
پولشادا كورونا بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا سەھىيە مىنىستىرلىقى، بۇ دۆلەتتە تۈنۈگۈن 248 كىشىنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلىقىنى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانىنىڭ 103 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، تۈنۈگۈن، ئۇكرائىنادا 248 كىشىنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، بۇنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بويىچە  ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق يەنە، پولشادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 36 مىڭ 500 كىشىنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تەسىرىدە، كۈندىلىك «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا رېكورت سەۋىيەدە ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، پولشادا كېلەر ھەتە كۈندىلىك «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 50 مىڭغا يېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر