مېكسىكا پىرېزىدېنتى يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلىندى

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا يۈرەك كېسىلى ئوپېراتسىيەسى قىلىندى.

1766709
مېكسىكا پىرېزىدېنتى يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئادان ئاۋگۇستو لوپېز ھېرناندېز، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دوختۇرلارنىڭ پىرېزىدېنت ئوبرادورنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ  زۆرۈرلۈكى ھەققىدە قارار چىقارغانلىقىنى، پىرېزىدېنت ھېرناندېز ئوبرادورنىڭ يۈرىكى ۋە قىزىل قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلام ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ئوبرادورنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ نورمال پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بىر يىل ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى يۇقۇملانغان 68 ياشلىق ئوبرادور، 2013-يىلى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر