خىتاي ئامېرىكانىڭ «باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى» ئېمبارگوسىنى تەنقىد قىلدى

خىتاي  «باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى» نى ئېكسپورت قىلغانلىقى ئۈچۈن 3 خىتاي شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

1766706
خىتاي ئامېرىكانىڭ «باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى» ئېمبارگوسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ساۋ لىسەن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قورال – ياراغ  ئېكسپورتىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنغىنى ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كۆپىيىشىگە تۆھپە قوشۇلۇۋاتقىنى يوق.  ئېمبارگو قارارى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زومىگەرلىك تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ تىپىك نامايەندىسىدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى دەرھال خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئالاقىدار ئېمبارگونى بىكار قىلىشقا ۋە خىتايغا قارا چاپلاشقا ھەم  خىتاي شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز.  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋسترالىيەگە توماخاۋك يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا، دەرۋەقە، ۋاشىنگىتون ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا قوش ئۆلچەم قوللانماقتا.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى،  «باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش پائالىيەتلىرى» سەۋەبلىك، خىتاي ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا شىركىتى، خىتاي ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ۋە تارماق شىركەتلىرىنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر