ئۇكرائىنا قىرىم ئەتراپىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە قانۇنسىز بېسىۋالغان قىرىم ئەتراپىدا راكېتا ئاتار سىستېمىلىرى قاتناشتۇرۇلغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
1766305

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قىرىم ئەتراپىدا راكېتا ئاتار سىستېمىلىرى قاتناشتۇرۇلغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، مانېۋىردا «BM-21» تىپلىق راكېتا ئاتار سىستېمىلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، قىرىم ئەتراپىدىكى خېرسون رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرنىڭ، ئارمىيەنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە تەييار تۇرۇشىنى مەقسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.