ئىسپانىيە قارادېڭىزغا 2 ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارگارىتا روبلېس شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارمىقىدا قارادېڭىزغا 2 ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1766116
ئىسپانىيە قارادېڭىزغا 2 ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روبلېس، بىر ھەربىي مەركەزدە قاتناشقان پائالىيەتتە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، 3 – 4 كۈن ئىچىدە  ئىسپانىيەنىڭ « Blas de Lezo» ۋە « Meteoro» ناملىق 2 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ قارادېڭىزغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىتۋانىيەدىكى ئىسپانىيەمۇ قاتنىشىدىغان ۋەزىپىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۇلغارىيەگە ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ قارادېڭىزدا قاتنىشىۋاتقان بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشنى ئازايتقىلى بولىدىغان دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىلىرى ھازىرمۇ تېپىلىدۇ، دەرۋەقە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سالاھىيىتىمۇ ھەممىگە ئايان. رۇسىيەنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قانداق قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىش ھوقۇقى يوقتۇر. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارمىقىغا داخىل بولۇشنى خالايدىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنى چوقۇم قوغدايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر