ئىران، رۇسىيە ۋە خىتاي ئۈچىنچى قېتىم بىرلىكتە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئىران، رۇسىيە ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەلىرى ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر باشلىدى.

1766184
ئىران، رۇسىيە ۋە خىتاي ئۈچىنچى قېتىم بىرلىكتە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىرنا (IRNA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، «2022-يىللىق دېڭىز خەۋپسىزلىك كەمەرى» ناملىق مانېۋىر، «بىرلىكتە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن» شوئارى ئاستىدا ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدا كۆلىمى 17 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق جايدا ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.

ئىران دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى، ھاۋا قىسىملىرى قاتناشقان مانېۋىرغا، رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى ھەمدە ئارقا سەپ پاراخوتلىرى بىلەن ئىشتىراك قىلدى.

مانېۋىرنىڭ باياناتچىسى مۇستافا تاجەددىنى بابۇل مەندەب، مالاككا ۋە ھۈرمۈز بوغۇزى قاتارلىق مۇھىم سۇ يوللىرىغا تۇتىشىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ مانېۋىر ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك دەپ ئاتىلىدىغان ۋە دۇنيا سودىسى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەزكۇر رايوندا، ئۈچ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان دېڭىز خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ مانېۋىردا ئوت كەتكەن بىر پاراخوتنى قۇتقۇزۇش، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان بىر پاراخوتنى قۇتقۇزۇش، بەلگىلەنگەن نىشانلارغا ۋە كېچىدە ھاۋادىكى نىشانلارغا ئوق ئېتىش قاتارلىق ئوخشىمىغان تاكتىكىلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا دېڭىز سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، دېڭىز تېررورىزمى ۋە دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى كۈرەش، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش جايلىرىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە تاكتىكىلىق ھەربىي ھەرىكەتلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ، مانېۋىرنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىران، رۇسىيە ۋە خىتاي «2022-يىللىق دېڭىز خەۋپسىزلىك كەمەرى» نامىدا، ئۈچىنچى قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولدى. بىرىنچى قېتىملىق مانېۋىر 2019-يىلى دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر