نىگېرىيەدە خەلقنىڭ% 60 ى توكتىن  مەھرۇم

نىگېرىيەدە خەلقنىڭ % 60 تىنىڭ توكتىن مەھرۇم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1766456
نىگېرىيەدە خەلقنىڭ% 60 ى توكتىن  مەھرۇم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى ۋە نىگېرىيە دۆلەتلىك ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى ئەبۇبەكىر سانى سامبو، نىگېرىيەلىكلەرنىڭ% 60 تىن كۆپرەكىنىڭ توك مۇلازىمىتىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نىگېرىيەدىكى توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، دۆلەتتىكى ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىشىنىڭ، سىياسەتنىڭ بىردەك بولماسلىقى ۋە يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، نىگېرىيەنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن توك ئىشلەپچىقىرىش مەنبەلىرىگە ساھىب بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي تاپقان باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، بىزمۇ مول قۇياش ئېنېرگىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، توك ھاسىل قىلالايمىز.»

ئۇ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى يەرلىك، ئىشتاتلىق ۋە فېدېراتسىيە سەۋىيەلىرىدە باشقا ئېنېرگىيەلەرگە نەزەر تاشلاشقا، شۇنداقلا، نىگېرىيەنىڭ يەرلىك مەنبەلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشنى  ئاساس قىلىدىغان تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا چاقىردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نىگېرىيەدە نوپۇسنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىشىدىن سىرت يەنە، توك سىستېمىسىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىنمۇ، يېقىنقى 12 يىلدا ئورمانلارنىڭ يېرىمى ۋەيران بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، توك ئىشلەپچىقىرىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان نىگېرىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا پات – پات توك ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن.

كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 سائەت توك مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدىغان خەلقنىڭ كۆپىنچىسى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى گېنېراتورلار ئارقىلىق قاندۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر