دائېش ئىراق ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى

ئىراقنىڭ شەرقىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئارمىيە قىسىملىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، 11 ئىراق ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.

1766301
دائېش ئىراق ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شەرقىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئارمىيە قىسىملىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، 11 ئىراق ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.

دىيالا ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەلۇماتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش دىيالا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇزايم ناھىيەسىدە، ئارمىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا، 11 ئىراق ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، رايونغا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ھەيئەتنىڭ يېتىپ بارغانلىقى ۋە ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر