بلىنكېن-لاۋروۋ ئۇچرىشىشى باشلاندى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان يىغىن، شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان يىغىن، شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە باشلاندى.
يىغىندىن كېيىن، لاۋروۋنىڭ ئەنقەرە ۋاقتى 15:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 18:00، بلىنكېننىڭ بولسا، ئەنقەرە ۋاقتى 15:30، ئۈرۈمچى ۋاقتى 18:30 دا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك سۆھبەتلىرى رامكىسىدا، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندىي ر. شېرمان ۋە رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ريابكوۋ 10-يانۋار (2022) جەنۋەدە كۆرۈشكەن ئىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 16-ئىيۇن (2021) جەنۋەدە كۆرۈشكەن ئىدى. ئىككى رەھبەر ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى.