ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا، رۇسىيەگە قارشى ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ئېمبارگولارنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1765861
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن (Ursula Von der Leyen) دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرغان «2022 داۋوس كۈنتەرتىپى» ناملىق ئىنتېرنېت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ئارقا ھويلىسى سۈپىتىدە كۆرۈشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپانى تەسىرى ئىچىگە ئېلىش شەكلىدە بۆلۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپادىكى شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قارار بېرىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. بىز بۇ ئاساسىي پىرىنسىپنى داۋاملىق ئىزچىل قوللايمىز. بىز دىيالوگ تەلەپ قىلىمىز. بىز ئىختىلاپلارنىڭ بۇ مەقسەتتە قۇرۇلغان قۇرۇلمىلار ئىچىدە ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەمما، ۋەزىيەت يامانلاشسا، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە يېڭى ھۇجۇملار يۈز بەرسە، ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ئېمبارگولار بىلەن جاۋاب بېرىمىز. ترانسلانتىك جەمئىيەتلىرى بۇ مەسىلىدە ناھايىتى ساغلام تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ۋە مەبلەغ سالغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ سودا مۇناسىۋىتى بىز ئۈچۈن مۇھىم، ئەمما رۇسىيە ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم. ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىنماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۇجۇم يۈز بەرسە تەييارلىقىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر