لىبېرىيەدىكى بىر چېركاۋدا قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ 29 ئادەم قازا قىلدى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى لىبېرىيەنىڭ پايتەختى مونروۋىيەدىكى بىر چېركاۋدا ئىبادەت ئەسناسىدا قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ كەم دېگەندە 29 ئادەم قازا قىلدى.
1765844

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىبېرىيە ئۇچۇر – ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۆلەت رادىئوسىغا بايانات بايانات بېرىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى، ئىبادەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنۇشى نەتىجىسىدە قىستاڭچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى، يېرىم كېچىدىكى مەزكۇر ۋەقەدە 29 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپيىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.