بايدىن: رۇسىيە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلسا، ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ رۇسىيەگە «ئاپەت» خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1765573
بايدىن: رۇسىيە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلسا، ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئاقسارايدىكى بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلەرگە دۇچار كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ياكى قىلماسلىق رۇسىيەنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش. ئەگەر ئۇكرائىناغا ئازراقلا مۇداخىلە قىلىنسا، بىز ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئەمما ئۇلار چېگراغا دۆۋىلەپ قويغان ئەسكەرلەرنىڭ سىغىمىدەكلا چوڭ ئىش قىلسا، بۇ رۇسىيە ئۈچۈن ئاپەت بولىدۇ. رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلسا، بىز شېرىكلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن رۇسىيەگە زىيان يەتكۈزىدىغان شەكىلدە جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تەييارمىز. سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، بىز ناتو ئىتتىپاقداشلىرىمىزغىمۇ ياردەم قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بايدىن ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا نۆۋەتتە 600 مىليون دوللار قىممىتىدە ھەربىي لازىمەتلىك ئەۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئەگەر ئۇكرائىناغا كىرىپ قالسا، رۇس تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقى»نى، بۇنىڭ رۇسىيەگە قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە «رۇسىيە بانكىلىرى دوللارغا قارشى تۇرالمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تولۇق مەنىدە ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «رۇسىيە غەرب، ئامېرىكا ۋە ناتونى كۈچلۈك شەكىلدە سىناپ كۆرىدۇ. (شۇڭا) مېنىڭچە ئۇ ئۇكرائىناغا كىرىدۇ» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىش شەرتلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا كىرمەسلىكى كېرەكلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بايدىن: «ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزى خالىغان تەشكىلاتقا قاتنىشىش ھوقۇقى بار. مېنىڭچە ئۇكرائىنا قىسقا مۇددەت ئىچىدە شەرتلەرنى ھازىرلاپ، ناتوغا ئەزا بولالايدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر