ياپونىيە جەنۇبتىكى كۇرىل ئارىلى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ

ياپونىيە تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى كۇرىل ئارىلىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكنەلىكىگە دائىر دەۋاسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيە بىلەن ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1765006
ياپونىيە جەنۇبتىكى كۇرىل ئارىلى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوشىماسا ھاياشى رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى سېرگېي لاۋروۋنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى كۇرىل ئاراللىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولقغا ئالغاندا، ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ (1939-1945) ئاقىۋىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى» دېگەن باياناتلىرىغا جاۋاب قايتۇردى.

يوشىماسا ھاياشى، «بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىز شىمالىي تۆت ئارالغىچە تۇتىشىدۇ. بىز يەر مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئارزۇسى ئاساسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىمىز بار» دېدى.

شىمالىي ئاراللار ياپونىيەنىڭ كۇرىل زەنجىرىدىكى تۆت ئارالغا قويغان ئىسم بولۇپ،  ئىتوپ، كۇناشىر، شىكوتان ۋە ھابوماي قاتارلىق يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىمىغان ۋە ئۆزئارا ئىگىلىك ھوقۇقى ئىختىلاپتىكى ئاساسلىق تالاش-تارتىشلىق نۇقتىغا ئايلانغان ئىدى. پۈتكۈل ئارال زەنجىرى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن موسكۋانىڭ كونتىروللۇقىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر