ئومىكرون ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك 18 مىليوندىن ئارتۇق ۋەقە كۆرۈلگەن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس (Tedros Adhanom Ghebreyesus) يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە دۇنيادا ئومىكرون ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك 18 مىليوندىن ئارتۇق ۋەقە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1765121
ئومىكرون ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك 18 مىليوندىن ئارتۇق ۋەقە كۆرۈلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس يېقىنقى بىر ھەپتىدە دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئومىكرون ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك 18 مىليوندىن ئارتۇق ۋەقەنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە ۋارىيانتنىڭ ناھايىتى تېز تارقالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىلگىرىكى ۋارىيانتلارغا سېلىشتۇرۇلغاندا ئۆلۈمنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبلىك ئومىكروننى «يەڭگىل كېسەللىك» دەپ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئومىكروننىڭمۇ دوختۇرىانىدا يېتىشقا مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ۋارىيانت نۇرغۇن كىشى خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بۇ مەزگىلدە ناھايىتى تېز تارقالماقتا. دۇنيادا ئومىكرون ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك 18 مىليوندىن ئارتۇق ۋەقە كۆرۈلدى. ئۆلۈم سانلىرى ھازىرچە مۇقىم، ئەمما سەھىيە خىزمەتچىلىرى ۋە سەھىيە سىستېمىلىرىنى قىيىنچىلىق توغدۇرىدىغان ئومىكروننىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە ئەندىشىمىز ئېغىر» دېدى.

ئۇ ئومىكرون تارقىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن كىشىلەرگە ۋاكسىنا يەتكۈزۈشنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بار بولغان ۋاكسىنالارنىڭ ئومىكرونغا نىسبەتەن ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما كېسەل بولۇش ۋە ئۆلۈم خەتىرىگە نىسبەتەن ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئومىكرون دۇنيادا تارقىلىۋاتقان ۋە يېڭى ۋارىيانتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان ئەھۋالدا، ۋابانىڭ ئاخىرىغا يېقىنلاشقانلىقىمىزنى ئېيتقىلى بولمايدۇ. ۋاكسىناغا ئېرىشىشتىكى باراۋەرسىزلىك ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشكە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتمىسەك، ۋاكسىنا باراۋەرسىزلىكىدە تېخىمۇ ناچار دەۋرگە كىرىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر