ئىسپانىيەدە ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 5 كىشى قازا قىلدى

ئىسپانىيەنىڭ شەرقىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 5 ياشانغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1765020
ئىسپانىيەدە ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 5 كىشى قازا قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ شەرقىدىكى ۋالېنسىيە شەھىرىگە قاراشلىق مونكادا رايونىغا جايلاشقان ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 5 ياشانغان كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى شۇنداقلا يارىلانغانلاردىن  3 كشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ۋالېنسىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان باياناتتا، توك لىنىيەسىدىن كاشىلا چىقىشى سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ۋە تەخمىنەن 60 كىشى تۇرۇشلۇق ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىنا ئىچىنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلانغانلىقى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يېتىپ كەلگىچە ئىچىدە قالغان 5 ياشانغان كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 11 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دوختۇرخانىدا داۋالانغان يارىدارلاردىن 3 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 23.20 دە يۈز بەرگەن ۋە 01.20 دە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان ئوت ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر