پېسكوۋ ئەردوغاننىڭ تەكلىپى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىشى، رۇسىيەدە مەمنۇنلۇق ياراتتى.

1765351
پېسكوۋ ئەردوغاننىڭ تەكلىپى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پۇتىن ۋە زېلېنسكىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي ئىختىلاپلارنىڭ، كىيېۋنىڭ مىنسك كېلىشىملىرىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇكرائىنادىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىدىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى كەسكىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ توشۇلۇۋاتقانلىقىنى، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ناتو بىلەن غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بارلىق بۇلار ئۇكرائىنا ئەتراپىدا جىددىيچىلىككە سەۋەب بولماقتا» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەم پۇتىن ھەمدە زېلېنسكى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەتتا خالىسا ھەر ئىككى رەھبەرنى تۈركىيەگە كېلىشكە، ئوتتۇرىدىكى مەسىلىلەرنى ۋە ئوخشىماسلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. تۈركىيە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك رولنى ئويناشقا تەييار. بۇنى ھەم رۇسىيە ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ دوستى، شۇنداقلا ناتو ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلىۋاتىمىز» دېگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر