ھىندىستان ئۇرۇش پاراخوتىدا پارتلاش يۈز بەردى

ھىندىستان ئۇرۇش پاراخوتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا، 3 ماتروس قازا قىلدى.

1764957
ھىندىستان ئۇرۇش پاراخوتىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بومباي شەھىرىدىكى دېڭىز پاراخوتى زاۋۇتىدا «INS Ranvir» ناملىق ۋەيران قىلغۇچى پاراخوتىنىڭ ئىچكى قىسىمدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 3 ماتروس جېنىدىن ئايرىلغان، پاراخوت خادىملىرىنىڭ تېز مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە، پارتلاش كونترول ئاستىغا ئېلىنغان، قازادا ئېغىر ماددىي زىيان كۆرۈلمىگەن.

باياناتچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئۇرۇش پاراخوتى نويابىردىن باشلاپ قوزغىلىشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بازا پورتقا قايتىپ كېلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، پارتلاشتا  يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ -كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر