زېلېنسكىي: رۇسىيە جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىشقا باھانە ئىزدەۋاتىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ «ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىنغان زېمىنى»دىكى كىشىلەرگە داۋاملىق پاسپورت تارقىتىش ئارقىلىق نى بىلدۈردى.

1764198
زېلېنسكىي: رۇسىيە جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىشقا باھانە ئىزدەۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ كىيېۋدا ئامىي كلوبۇچار، روبېرت پورتمان، كىرىس مۇرفى، ژاننا شاھىن، رىچارد بىلۇمېنتخال ۋە روگېر ۋىكېردىن تەركىب تاپقان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلىتى دۇچ كەلگەن بىخەتەرلىك خىرىسىغا قارشى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

زېلېنسكىي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، رۇسىيەگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بىر جازا لايىھەسى تەييارلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ «ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىنغان زېمىنى»دىكى كىشىلەرگە داۋاملىق پاسپورت تارقىتىش ئارقىلىق <رۇسىيە پۇقرالىرىنى قوغداش نامىدا جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ باھانىسىنى ئىزدەۋاتقانلىقى>نى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىمۇ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يوللىرىنى مۇستەقىل تاللاش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر