ۋېنېزۇئېلا مادۇرونى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش مەسىلىسىنى خەلقتىن سوراشنى قارار قىلدى

ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك سايلام كېڭىشى، پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش تەلىپىنى قوبۇل قىلدى.

1764253
ۋېنېزۇئېلا مادۇرونى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش مەسىلىسىنى خەلقتىن سوراشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك سايلام كېڭىشى، مادۇرونىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىش مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ئارقىلىق بېكىتىش توغرىسىدىكى تەلەپنىڭ قوبۇل قىلىنىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلاشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى ۋېنېزۇئېلانى قايتا چاقىرىش ھەرىكىتى، مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق دېموكراتىيە كومىتېتى، كونفېدېجۇنتا مەملىكەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى قاتارلىقنىڭ تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىلدى.

مەزكۇر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان گۇرۇپپىنىڭ باياناتچىسى نېلسون چىتتى لا روچې، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى، ھەمدە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى ۋە تەپسىلاتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئېلان قىلىنمىدى.

يەرلىك تاراتقۇلار، ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلسىمۇ، مادۇرونىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي قوللىشى سايىسىدا بۇنى ئاسانلا يېڭەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر