تېھران – ۋان ئايروپىلان سەپەرلىرى 31 – يانۋار باشلىنىدۇ

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىن تۈركىيەنىڭ ۋان ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپەرلىرى 31 – يانۋار كۈنى باشلىنىدۇ.

1764222
تېھران – ۋان ئايروپىلان سەپەرلىرى 31 – يانۋار باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر ھەپتە دۈشەنبە كۈنىرى تۈركىيەنىڭ ۋان شەھىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىرانغا ئائىت خۇسۇسىي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋان ۋالىيسى ۋە ۋان مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى مەھمەت ئەمىن بىلمەزنى زىيارەت قىلدى.

ۋان ۋالىي مەھكىمىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان زىيارەتتە، ئىران دائىرىلىرى، تېھران – ۋان ئايروپىلان سەپەرلىرى ھەققىدە بىلمەزگە مەلۇمات بەردى.

بىلمەز، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «31 – يانۋار كۈنى تۇنجى ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ، ئايروپىلان سەپەرلىرى دەسلەپتە ھەپتىدە ئىككى كۈن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانى تەلەپكە ئاساسەن كۆپەيتىلىشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر