پېرۇدا 80 پورت تاقالدى

ئاۋىستىرالىيەنىڭ شەرقىدىكى ئارال دۆلىتى تونگادا، 15-يانۋار يۈز بەرگەن يانار تاغ پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، پېرۇ دېڭىز قىرغىقىدا دولقۇن ھەجىمىنىڭ چوڭىيىشى سەۋەبىدىن 80 پورت تاقالدى.

1764389
پېرۇدا 80 پورت تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇ مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر دېڭىز تاشقىنىنىڭ تەسىرىدە دېڭىز ساھىلى رايونلىرىدا بىنورمال دولقۇنلار كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پېرۇ دۆلەتلىك خەلق مۇداپىئە ئىنستىتۇتى غايەت زور دولقۇنلارنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، دۆلەتنىڭ شىمال، جەنۇب ۋە ئوتتۇرا رايونلىرىغا جايلاشقان 80 پورتنىڭ ۋاقىتلىق تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

دېڭىز ساھىلى رايونلىرىدا ياشايدىغان كىشىلەرنى ساھىلدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان دائىرىلەر، بېلىقچىلىق، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

تونگادا يانار تاغ پارتىلاش ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا ۋە چىلى ئۈچۈن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئالاقىدار تارماقلار 16-يانۋاردا دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى لامبېكې دېڭىز ساھىلىدا 2 كىشىنىڭ غايەت زور دولقۇنلار سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ: #پورت , #پېرۇ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر