ناتو: 5-ماددىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئېھتىمالى بار

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئالەم بوشلۇقى تەھدىتلىرىنىڭ ئىتتىپاقنىڭ 5-ماددىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.

1764427
ناتو: 5-ماددىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئېھتىمالى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالەم بوشلۇقى سىياسىتىنى ئامما بىلەن ئورتاقلاشقان ناتو، ئەزالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقنىڭ كۈنسېرى مۇھىملىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتتا، ئالەم بوشلۇقنىڭ دېھقانچىلىقتىن قاتناشقىچە، ئىلىم - پەندىن ئۇچۇر - ئالاقىغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەرگە تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئالەم بوشلۇقى تەھدىتلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن ئۇنىۋېرسال ئالەم بوشلۇقى سىياسىتى تېكىستىدە، ئۆتكەن يىلى بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىريۇسسېل باشلىقلار يىغىنىدا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ياكى ئالەم بوشلۇقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئېنىق «دوئېل ئېلان قىلىش» بولىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ھەمپىكىر ئىكەنلىكى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى، ھەمدە ناتونىڭ 5-ماددىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

ناتو 2019-يىلى ئالەم بوشلۇقىنى «ھەرىكەت رايونى» دەپ ئېلان قىلغان، شۇ يىلى ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسىنى ئايرىم ھەربىي قىسىم سۈپىتىدە قۇرۇپ چىققانىدى.

5-ماددىغا ئاساسەن، ئەگەر ناتوغا ئەزا ھەر قانداق بىر دۆلەت ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، بۇ ھۇجۇم ناتوغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم، دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر