شىمالىي كورېيە بۈگۈن ئەتىگەندە ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

ياپونىيە بۈگۈن (2022-يىلى 17-يانۋار) ئەتىگەندە شىمالىي كورېيەنىڭ ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

1763625
شىمالىي كورېيە بۈگۈن ئەتىگەندە ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى كىشى نوبۇ شىمالىي كورېيەنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 08:49 ۋە 08:52 دە ئايرىم-ئايرىم ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە ۋە 300 كىلومېتىرمۇساپىگىچە يېتىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دېڭىزغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئېنىق. يېقىنقى بىر قاتار سىناقلار خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئېغىر مەسىلە» دېدى.

ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى ماتسونو خىروكازۇ ھازىرچە سىناققا چېتىشلىق ھېچقانداق زىياننىڭ بايقالمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

توكيو ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق پيوڭياڭغا رەسمىي ئېتىرازىنى بىلدۈردى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيە دۆلەتلىك ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابى قىسقا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پايتەخت پيوڭياڭنىڭ سىرتىدىكى سۇنان ئايرودۇرۇمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن شىمالىي كورېيە يېڭى يىلدىن بۇيان جەمئىي 4-قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر