نيۇيوركتىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى

ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرى برونكىس رايونىدىكى بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 15 مۇسۇلماننىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى.

1763476
نيۇيوركتىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: برونكىس رايونىدىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان 17 كىشىنىڭ 15 نەپىرى ئۈچۈن دەپنە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

كۆپ سانلىقى ئافرىقا دۆلىتى گامبىيەلىكلەردىن تەشكىل تاپقان مۇسۇلمان مېيىتلەرنىڭ تۇغقانلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەر قاتناشقان دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.

نيۇ- يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئېرىك ئادامس ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىقلار رەھبىرى، قوشۇمچە دېموكراتىك قاناتنىڭ نيۇ- يورك كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك شۇمېر، ھەمدە گامبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى ئەمەلدارى دەپنە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

جىنازا نامىزى ۋە دۇئالاردىن كېيىن، مېيىتلەرنىڭ 11 ى دەپنە قىلىنىشى ئۈچۈن نيۇ جېرسىي ئىشىتاتىغا ئەۋەتىلدى، قالغان 4 كىشىنىڭ جىنازىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن گامبىيەگە يوللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان ئىككى بالىنىڭ جىنازىسى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خارلېمدىكى بىر مەسچىتتە چۈشۈرۈلگەنىدى.

برونكىس رايونىدىكى بىر بىنادا 9- يانۋار ئېلېكتر ئىسسىتقۇچتىن كېلىپ چىققان ئوت ئاپىتىدە 8 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 17 ئادەم قازا قىلغان، 63 ئادەم ئىس- تۈتەكتىن زەھەرلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر