خىتاينىڭ نوپۇس ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىدى

خىتاينىڭ نوپۇس ئېشىش سۈرئىتى 1960-يىللارنىڭ بېشىدىكى 30 مىليون ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن ئاچارچىلىقتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.

1763780
خىتاينىڭ نوپۇس ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 31 ئۆلكە ۋە رايوننىڭ نوپۇسى 2020-يىلى ئاران 480 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، ئومۇمىي نوپۇسى يىل ئاخىرىدا تەخمىنەن 1 مىليارد 412 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن.

خىتايدا تۇغۇلۇش نىسبىتى ھەر مىڭ ئادەمدە 7.52%، ئۆلۈش نىسبىتى ھەر مىڭ ئادەمدە 7.18% بولۇپ، نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى ھەر مىڭدا %0.34 بولغان.

خىتاينىڭ نوپۇس ئېشىش سۈرئىتى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋزېدۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇش ۋە يېزا بايلىقىنى سانائەتكە يۈزلەندۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دەۋرىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتكە چۈشۈپ قالغان.

بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغان 1958-1962-يىللىرى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن تەخمىنەن 30 مىليون كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە شۇ ۋەجىدىن نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 1960-يىلى ھەر مىڭ ئادەمدە %4.5 كە چۈشۈپ قالغان ئىدى.

 


خەتكۈچ: #نوپۇس , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر