گېرمانىيەدە بىر جامەنىڭ ھويلىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى

گېرمانىيەنىڭ چېمنىتز شەھىرىدە تۈرك-ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق فاتىھ جامەسىنىڭ ھويلىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى.

1763511
گېرمانىيەدە بىر جامەنىڭ ھويلىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېمنىتز شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، كېچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن قەستەن ئوت قويۇپ بېرىش گۇمانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جامە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەنىس سەزگى ئوتنىڭ قانداق باشلانغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوقلۇقىنى بايان قىلىپ، جامەنىڭ خەت ساندۇقىغا پات-پات ئىسلامغا قارشى مەكتۇپلار ۋە چوشقا كارتونلىرىنىڭ تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى شۇنداقلا تەھدىت سېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنىس سەزگى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقەنىڭ قەستەن ئوت قويۇش ياكى نورمال ئوت ئاپىتى ۋەياكى ئوڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىمۇ - ئەمەسمۇ؟ ئېنىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بېرلىن دىنىي خىزمەت ۋاكالەتچىسى ئەمرە شىمشەكمۇ ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن جامەنىڭ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەمما ئۆلۈم-يېتىم ۋە يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر